باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەربابلار : پۇل سىياسىتىنىڭ نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىش ئالاھىدىلىكى روشەن بولىدۇ

2018.12.27 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەسپى ئەربابلار مۇنداق دېدى: پۇل سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىش ئالاھىدىلىكى 2019-يىلى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، تەييارلىق فوندىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىشتە يەنىلا بوشلۇق بار، ئەمما ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈمنىڭ تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، روشەن بوشىتىش ۋە «باستۇرۇپ سۇغۇرۇش» ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، پۇل سىياسىتى يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى چۇڭياڭ پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پۇل سىياسىتىگە قارىتا پۇختا«نېيترال»للىق قايتا تەكىتلەنمىگەن شۇنداقلا « پۇل بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇشتىكى باش توغان» تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇل سىياسىتىدە بۇرۇلۇش ياسالغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا زور خىېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەسەيتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش داۋاملىق تەكىتلەندى. ئەمما ئېگىز پىشاڭ-ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاجىزلىقىنىڭ باش مەنبىي، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسى لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق پىشاڭسىزلاشتۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. شۇڭلاشقا، پۇل سىياسىتىدە ئۈزلۈكسىز مۇقىملىقنى ساقلاش، قەتئىي باستۇرۇپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بارماي، پۇل-مۇئامىلە مەنبىيىنى تۆۋەن ئۈنۈم ساھەسىدىن چېكىنشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلەش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەسەيتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاندىن غەلبە قىلغىلى، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلانغىلى بولىدۇ.

  كەسپىي ئەربابلار كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىش 2019-يىلى پۇل سىياسىتى مەشغۇلاتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ مەقسىتى: پۇل سىياسىتى يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر