باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2018.12.26 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق يېڭى يىل، چاغان كېلىش ئالدىدا، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، قىسىملار، تارماقلاردىن ئارمىيە-يەرلىك قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ھەربىي-خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، قىسىملار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 40 يىلىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى مەدھىيەلەش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ئىككىنى ھىمايە قىلىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىشنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، گۈللەنمە تاراتقۇدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ھەربىي-خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئارمىيە-يەرلىك ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش ئۈلگىسى ۋە مۇنەۋۋەر سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئامما ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئومۇمىي خەلق قۇرۇش، خەلق ئارمىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەربىي لاگېرلارنى ئېچىۋېتىش، «جەمئىيەتتە بىر كۈن ئۆتكۈزۈش»، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى بازىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ۋەزىيەت دوكلاتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككىنى ھىمايە قىلىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈشتەك ئىككىنى ھىمايە قىلىش مېلودىيەسى ياڭرىتىش كېرەك. ئارمىيە-يەرلىك بىرلەشمە دوستلۇق، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئارمىيە-خەلق ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، كىنو قويۇش قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئىككىنى ھىمايە قىلىش مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ئارمىيە-خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر