باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2018.12.27 14:50   مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تۆت ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇش، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىككىنى قەتئىي قوغداش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل ئىستىل بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نى باش بولۇپ كەسكىن ئىجرا قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق، تەستىقلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باش بولۇش ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى»نى باش بولۇپ كەسكىن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيىۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەردىن تەييارلىق قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار يولداشلار بىلەن سىردىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ، سۆز قىلىش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا ئالدى بىلەن «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات»قا قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىرمۇ-بىر سۆز قىلدى، تەلەپكە ئاساسەن، سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزلىرىدىكى تونۇش چوڭقۇر، تەكشۈرۈشى كەسكىن، پىكىرلىرى سەمىمىي بولۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزلىرىدە مۇنداق ئۈچ مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلدى ۋە گەۋدىلەندۈرۈلدى: 1-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باش بولۇپ ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نى باش بولۇپ كەسكىن ئىجرا قىلىپ، ئىككىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش؛ 2-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باش بولۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىن ئۆتكەلگە دادىللىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش؛ 3-مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باش بولۇپ كەسكىن ئىجرا قىلىپ، پاك-تەلەپچان بولۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل-پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل. مۇرەككەپ، چىگىش خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملىق ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى باشلىدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش-بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئايلىنىپ، ھەقىقىي بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى زۆرۈر؛ سىستېمىلىق ئۆگىنىشتە، بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ تۈپ نۇقتئىينەزەرلىرى، نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ ئۆگىنىشكە ئەگىشىپ مېڭىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە، يېڭى دەۋر، يېڭى ئەمەلىيەت، يېڭى تەلەپكە، ئىدىيە ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ بۇ ئىلمىي نەزەرىيەدىكى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىينەزەر، ئۇسۇللارنى تېرىشىپ ئىگىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن سۇبيېكتىپ دۇنيادىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەل قىلىش، ئۆزگەرتىشتە قوللىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپوزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش- پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، بىردەك قەدەم تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەشنىڭ تۈپ سىياسى كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋىردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېڭى دەۋىرنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىشتا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، سىياسىي رەھبەرلىكتە دانا بولۇپ، خەلق مەيدانىدا روشەن، قەتئىي بولۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى كۈچلۈك ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسى بىيورۇسىدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە، سىياسى، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسى نىشاننى ساقلاپ، سىياسى يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، سىياسى ئىنتىزام ۋە سىياسى قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىپ، تىرىشپ پارتىيەنىڭ سىياسى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش چىقىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۈرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش-يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇشاشماي كۆرەش قىلىش نىشانى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھىي ھالىتى ۋە دادىل ئىشلەش، دادىل بۆسۈش، توختىماي ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش قىلىش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشى كېرەك. مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيوروسىدىكى يولداشلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماھىرلىق بىلەن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۇش، خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك، كېچە–كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش روھى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پاك- تەلەپچان بولۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق ياخشى باشقۇرۇپ، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتچىلىق قىلماسلىقى، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن بايراقنى توغرا تىكلەپ، ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىنى خۇلاسىلىدى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «بەلگىلىمە»، «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى، كۆپچىلىك سۆز قىلشقا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تونۇشىنى، تەسىراتىنى سۆزلەپ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىتەرسىزلىكنى تېپىپ چىقىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، پىكىر بەردى، ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك بىلەن ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم مەسىلىنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يىغىندا كۆزلەنگەن مەقسەتكە يەتتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان خىلمۇ-خىل مەسىلە ۋە نۇقسانلارغا بىۋاستە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەھەتتە مەسىلىنى يېشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نىمىنى چىڭ تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىستىل، ئىجتىمائى ئىستىلنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزى باشقۇرۇشىدىكى يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ،«تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ، بېشى بار ئايىغى يوق، «يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغان قۇرۇلۇش» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، شەكىلۋازلىق قىلىپ رەسمىيەتچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېموكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پارتىيىمىزنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى، ماركىسىزىملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم بەلگىسى. بۇ تۈزۈم پارتىيە ئىچى دېمۇكىراتىيەسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش بىلەن ئۇنى توغرا يولغا قويۇشنى مەركەزلىك ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىجادىي ھاياتى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىدىغان، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇلاھىزە قىلىپ قارار چىقارماسلىق، قارار چىقارسىمۇ يولغا قويماسلىقتەك تارقاقچىلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان ئىلمىي، مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك تۈزۈم. دېمۇكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېمۇكىراتىيە بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىككىسى بىرى بىرىنى شەرت قىلغان ھەمدە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ، بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ. بىز دېمۇكىراتىيە بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دېمۇكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پارتىيىمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيىمىزنىڭ تارىخىي تەجىربىلىرى شۇنى چۈشەندۇرىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ياخشى چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى گۈللەپ روناق تاپىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»، «ئىككىنى قوغداش»نى رۇشەن تەكىتلەپ، بىر يۈرۈش ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ناھايىتى كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىردەك قەدەم تاشلىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىللالماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن قېيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلغان بولساقمۇ قىلالمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى دېموكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئىچى دېمۇكىراتىيەسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىنى كەڭ دائىرىدە قۇبۇل قىلىش، قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن، بىزنىڭكىدەك چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ئىچى دېمۇكىراتىيەسىنى جارىي قىلدۇرۇشقا تايىنىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىشىگە تايىنىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار دېمۇكىراتىك ساپاسىنى رەھبەرلىك ئىقتىدارى سۈپىتىدە يېتىلدۈرۈپ، رەھبەرلىك سەنئىتى سۈپىتىدە ئىگىلىشى كېرەك. كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، كىشىلەر بىلەن سەمىمىي ئۆتۈش پوزىتسىيەسى، كەمتەرلىك كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي پىكىرىنى تولۇق، توغرا ئىگىلەشكە تىرىشىپ، قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ، ياخشىلارغا ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك، توغرا مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر خىل تارقاق پىكىرلەر ئىچىدىن توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى يىغىنچاقلاپ چىقىپ، شەئىيلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان توغرا پىكىرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىش كېرەك. دېمۇكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، كۆپچىلىك نەمۇنىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋىردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب، بۇ بىزدىن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۆرەشلەرنى ھەر ۋاقىت قىلىشنى، كادىلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىلاردىن ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، كۆرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، كۆرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشنى؛ كۆرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ كۆرەش قىلالايدىغان جاسارەت، غورۇر، دىيانەت، شىجائەتنى باشتىن ئاخىر ساقلاشنى، كۆرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى، بۇنىڭدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس، پايدىلىق ئامىل ۋە پايدىسىز ئامىللارنى ئىلمىي پەرەز قىلىپ، ھادىسىدىن ماھىيىتىنى كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، كۆرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگەللەشنى؛ كادىلارنى زور كۆرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە تەشكىللىك، پىلانلىق قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئاجىزلىقىنى پۇختىلاپ، كامكۇسلىرىنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى