باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.12.26 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاشنى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ بانكا ھېساباتى ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تاۋار ماركىسى پاتېنتىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا،كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللاش- ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. 1-، ئادىل، قولايلىق سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە كارخانىلارنىڭ پىكىرى ئاڭلاش ھەمدە مۇۋاپىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىش كېرەك. رىقابەت نېيتراللىق پىرىنسىپى بويىچە، خېرىدار چاقىرىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى ۋە چوڭ، كىچىك كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ بايلىق ئېچىش، قاتناش، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىشىغا نىسبەتەن، ئالاھىدە بەلگىلىمە بارلىرىدىن باشقىلىرىدا ئەڭ تۆۋەن رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتالى، پاي نىسبىتى قۇرۇلمىسى قاتارلىق چەكلىمىلەر بىردەك بىكار قىلىنىدۇ. پەن - تېخنىكا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ تېزدىن بازارغا كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك، دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار كەسىپ باشلامچىسى بولغان پۇقراۋى كارخانىلارغا تايىنىپ قۇرۇلسا بولىدۇ. ئىككىنچى، باجنى تېخىمۇ كېمەيتىش، ھەقنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاز سوممىلىق تەكرار قەرز پۇل سىياسىتىنى ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار ۋە يېڭىچە تور بانكىلىرىغا كېڭەيتىش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم. مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتى، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش خەۋپ - خەتىرىنى پەسەيتىشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چوڭ كارخانىلار ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ئەھدىنامىغا خىلاپ ھالدا نېسى قالدۇرسا بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش كېرەك، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كارخانىلارنىڭ بانكا ھېساباتى ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. چېگرا ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە غەيرى كارخانا قانۇن ئىگىلەر، يەككە تىجارەتچىلەر بانكىدا ئامانەت پۇل ھېساباتى بېجىرىشتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بانكا ھېساباتىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماس قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى زور دەرىجىدە ئازىيىش كېرەك. كېلەر يىلى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش ۋاقتى 5 ئايغا قىسقارتىلىدۇ، يۇقىرى قىممەتتىكى پاتېنت تەكشۈرۈش ۋاقتى يەنە % 15 تىن كۆپرەك قىسقىرايدۇ. ئۈچىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش ئاساسىدا، 2 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى، دائىملىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈرلىرى، نەتىجىسى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، خالىغانچە تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خەلقنى پاراكەندە قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. يېمەكلىك - دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئايرىم دېلو يىپ ئۇچىلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچىلارنى ئاۋارە قىلماسلىق لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر