خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يېڭى دەۋر بولسا،كۈرەشچىلەرنىڭ دەۋرى. "قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بۇ دەۋر" مەنزىرىسىگە پەقەت كۈرەش قىلغان كىشىلەرلا ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىزنالىرىنى قالدۇرالايدۇ.
2018 ـ يىل بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم بىر يىل بولۇپ، كۈرەش قىلغۇچىلار ئەقىللىرى، تەرلىرى ۋە قايناق ھېسسىياتلىرى بىلەن ئىشلەپ، تولۇپ-تاشقان غەيرەت بىلەن ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن گۈزەل داستانلارنى پۈتكۈزدى.
11- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۇر جەمى يۈك-تاق ئارتىلغان تۆگىنى يېتىلەپ، قاراقۇرۇم تېغى بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى. 2018- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ھەرىكەتكە كېلىپ، جاپالىق ۋە چەت-يىراق تاغلىق جايلاردا تۇرىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى كەمچىل بولغان نامرات ئائىلەگە قارىتا، ئارقا-ئارقىدىن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نامرات پۇقرالارغا ياردەم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى