باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018- يىلى جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش نەتىجىسىدە 10 تۈر باھالاپ چىقىلدى

2018.12.27 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات» بويىچە تۈر باھالاشنىڭ نەتىجىسى 26- دېكابىر ئېلان قىلىندى. ئۇلار بولسا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزىيە سىنلىرىنى قويۇشتا، سىن ھۆججەتلىرىنى كودلاشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى AVS2نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تېخنىكا، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېڭى تىپلىق مولېكۇلا ۋە ھۈجەيرە مېخانىزمى تېخنىكىسى، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى ھېسابلىنىدىغان مېتالسىز پېروۋسكىت تۆمۈر ئېلېكتىرلىك جىسىمنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، ئالەمنىڭ تارتىشىش كۈچىنىڭ تۇراقلىق سانى ھېسابلىنىدىغان Gنىڭ توغرا ئۆلچىلىشى، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىلمىي يوسۇندا بۇرغىلاپ چارلاش ئېلىپ بېرىشتىكى بۇرغىلاش ماشىنىسىنىڭ «يەر پوستى 1- نومۇر» ناملىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى، ئاتومنى ئۆلچەش ئۆلچىمى ئارقىلىق ماتېرىيال ئوربىتىسىنى ئۆلچەش ۋە سپىن ماگنىت مومېنتى تېخنىكىسى، دېڭىز ئۈستىدە تولغانما سۈمۈرۈش ھالىتىدە لاتقا چىقىرىشتىكى چوڭ تىپتىكى جابدۇقلارنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلىشى ۋە ئۇنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ئاسما ھالەتتە يۈرۈيدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە سىناق لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، تۇپراق-زىرائەت سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى، نىشانلىق ئۆسمىنىڭ مىكرو مۇھىتىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ۋە ئۆسمىگە قارشى داۋالاشنىڭ يېڭى تاكتىكىسى قاتارلىق 10 تۈردىن ئىبارەت.

  مەلۇم بولۇشىچە، «جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات»نى باھالاش خىزمىتى 1998- يىلدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 21- قېتىمقانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل پائالىيەت ئالىي مەكتەپلەر پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى، ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە پەن-تېخنىكا كومىتېتى 2018- يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە 2018- يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات»نى باھالاش خىزمىتى پائالىيىتىنى تەشكىللىدى ۋە قانات يايدۇردى. يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ چىقىشى ۋە ئېلان قىلىشى، تارماق شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈشى، ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى باھالاشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشى دېگەنلەردىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 2018- يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن 10 تۈر باھالاپ چىقىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر