باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 22 تارماق مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بوغالتىرلىق ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارغا قارىتا بىرلىشىپ جازالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك

2018.12.27 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوغالتىرلىق ساھەسىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سەمىمىيلىكنى تەرىپلەپ، سەمىمىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جازالاشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 22 تارماق «بوغالتىرلىق ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان ئالاقىدار مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىغا قارىتا بىرلىكتە تەنبىھ بېرىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»گە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەسلەتمە»دېيىلىدۇ) بىرلىشىپ ئىمزا قۇيدى.

  «ئەسلەتمە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىرلىكتە تەنبىھ بېرىش ئوبيېكتلىرى دېگىنىمىز، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى، يەنى، بوغالتىرلىق خىزمىتىدە، «بوغالتىرلىق قانۇنى»، «شىركەت قانۇنى»، «ئاكسىيە قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا ھەمدە باشقا قانۇنلارغا ۋەقانۇن-قائىدىلەرگە، نىزاملارغا ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، مالىيە تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ بېكىتىلگەن، ھەمدە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ھالدا لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرى مەۋجۇت بوغالتىر خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

  مەزكۇر «ئەسلەتمە»دە يەنە، ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۇسۇلى ئايدىڭ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا، بىرلىكتە تەنبىھ بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتكەن ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار چوقۇم مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىلىرى ئارقىلىق، بوغالتىرلىق ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا يوللاپ بېرىش كېرەكلىكى ۋە ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشلىرى كېرەكلىكى، ھەمدە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قەرەللىك ھالدا رەتلەپ جەملىگەندىن كېيىن، بوغالتىرلىق ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۇ ئۇچۇرلىرىنى ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنىڭ مەملىكەتلىك سۇپىسى ئارقىلىق، مەزكۇر «ئەسلەتمە»گە ئىمزا قويۇشقان باشقا تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار «ئەسلەتمە»دە پۈتۈشكەن مەزمۇن بويىچە، بوغالتىرلىق ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇن-قائىدە بويىچە تەنبىھ بېرىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى، تەنبىھ بېرىش ئۈنۈمىنى قەرەللىك ھالدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار قەرەللىك ھالدا بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسى ئارقىلىق دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر