باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ باجدىن خالىي ماللىرى قايتقان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تۇنجى قېتىم بېسىلدى

2018.12.28 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئۇقۇشىچە، 12- ئاينىڭ 16- كۈنى، گېرمانىيەدىن كەلتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم سۈت پاراشوكى، ساپ سۇ سۈزۈش ئۆزىكى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق 2 مىليون 890 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال يۈك ئاپىرىپ قايتقان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىلىپ، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە توشۇپ كېلىندى. بۇ ماللار شىنجاڭنىڭ يۈك ئاپىرىپ قايتقان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى باجدىن خالىي ماللىرى ھېسابلىنىدۇ.

  باجدىن خالىي بۇ تۈركۈم ماللار يۈك ئاپىرىپ قايتقان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يۈرۈشلەشكەن رايونىنىڭ باجدىن خالىي ئامبىرىغا ئەكىلىپ ساقلانغاندىن كېيىن ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگۈزۈلۈپ سېتىلىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسى بۇ خىل يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق، ئۈچىنچى دۆلەت تاۋارلىرىنى ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگۈزۈپ سېتىشتىكى ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى.

  جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ياۋروپا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ جىنۋۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ياۋروپادىن مال كىرگۈزۈش ۋاقتى ئۇزاق، ئوبوروت ھالقىسى كۆپ، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى ئىدى، ھازىر بىز تاۋارنى بىۋاسىتە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلاپ، ياۋروپانىڭ شۇ پەسىللىك يېڭى ئۇسلۇبتىكى تاۋارلىرىنى ئەڭ بۇرۇن باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، سۈرئەت بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ».

  «باجدىن خالىي ماللار بۇ خىل ئەندىزە ئارقىلىق ھەمكارلىق مەركىزىگە توشۇلۇپ، ئەسلىدىكى دېڭىز- قۇرۇقلۇق بىرلەشمە توشۇش شەكلىدىكى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى تەخمىنەن 30 كۈن ئەتراپىغا قىسقاردى، مال توشۇشنىڭ دەۋرىيلىكى زور دەرىجىدە قىسقاردى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ۋە تاۋارلارنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى، ھەمكارلىق مەركىزىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ». جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسى باجدىن خالىي كەسىپلەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خې شياۋلى مۇنداق دېدى: تاموژنا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە يۈرۈشلەشكەن رايوننىڭ باجدىن خالىي ئامبىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سودىگەرنى بۇ ئەندىزىنى تاللاشقا جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىق مەركىزى ۋە يۈرۈشلەشكەن رايوننىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر