باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى

2018.12.28 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 27- دېكابىر يىغىن ئېچىپ،«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى نىزامى» بولسا، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قانۇن-نىزام شەكلىدە، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەم شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەيۈرۈشلۈك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش، پارتىيە مەركىزىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەمدە سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چوقۇم ئۆز رايونىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. پارتكوم ۋە سىياسىي-قانۇن كومىتېتى چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتىيە كومىتېتلىرى) ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر