باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-تۈركۈم مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنى نازارەت قىلدى: 92 مەسىلىنى بايقىدى، 917 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى

2018.12.28 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 3-تۈركۈم مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلغان يەتتە ئۆلكە (شەھەر) 27-دېكابىر مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە تاپشۇرۇلغان دېلولارنىڭ ئەھۋالىنى ماس قەدەمدە ئاشكارىلىغان. يەتتە ئۆلكە (شەھەر) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشكە ئائىت 92 مەسىلىگە قارىتا، 917 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن.

  3-تۈركۈم مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2017-يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە تيەنجىن، سەنشى، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، گۇيجوۋ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە (شەھەر)نى كۆزەتتى ۋە 2017-يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاسىنى قايتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن 92نى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جايلاردىن ئەھۋالنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، ئىنتىزام-قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. يەتتە ئۆلكە (شەھەر)مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، بولۇپمۇ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

  كونكرېت مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا ئەڭ كۆپ بولۇپ، 698 ئادەم (قېتىم)كەن، قالغانلىرى تەنبىھ بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە باشقا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلاركەن. مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يەتتە ئۆلكە(شەھەر) مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش پىرىنپىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش بېسىمىنى يەتكۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر