باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق: يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى 2022-يىلدىن كېيىن شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلۈپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ

2018.12.28 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 27-دېكابىر بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىرى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى؛ لېكىن 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلۈپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئالىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشى قاتارلىق نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مەسىلىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلمەي، يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى كىرىمىنى 12 ئايغا بۆلگەن پۇل سوممىسى ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن ئايلىق باج نىسبىتى جەدۋىلىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاشتا چىقىرىۋېتىلىدىغان سان بېكىتىلىپ، باجنى ئايرىم ھېسابلاپ تاپشۇرىدۇ.

  مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ يىللىق نەتىجە ئۈنۈم مائاشىنى ئۇزارتىپ نەقلەشتۈرۈش كىرىمى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇكاپاتىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىرى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن مۇشۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنكى سىياسەت ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن پاي چېكى قەرەل ھوقۇقى، پاي چېكىنىڭ ئاشقان قىممىتى ھوقۇقى، چەكلىمىلىك پاي چېكى، پاي ھوقوقى مۇكاپاتى قاتارلىق پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشلەرنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلمەي، ئايرىم ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە تەتبىقلىنىدۇ. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر