باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2019.01.02 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تۈنۈگۈن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ، تارىخىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور مەنپەئەت يەتكۈزدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. مەن جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رېتىم قىلغان جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ترامپ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا قوشما شىتاتى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنى. كۆپ يىللاردىن بۇيان،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە غايەت زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئىجابىي ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش-شەخسەن ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىشىم. بىز كۈچلۈك دوستلۇقىمىز ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر