باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇدا 29 يىل ھەر يىللىق تۇنجى زىيارەتتە ئافرىقىغا باردى

ۋاڭ يى ھەرىكىتىمىز بىلەن ئافرىقىنى جۇڭگو دېپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز، دېدى

2019.01.04 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2019-يىلى 1- ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەددىس ئەبىبەدە ئېفىئوپىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋوركنېھ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەر يىلى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە ئافرىقىغا كېلىدۇ، بۇ ئۇسۇل 29 يىل داۋاملىشىپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولۇپ قالدى، بىز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئافرىقىنى جۇڭگو دېپلوماتىيەسىنىڭ ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى، ئافرىقا ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى نىشانى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەۋاتىمىز.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ بەردى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان چىن دوستلۇق-سەمىمىيلىك ئىدىيەسى ۋە توغرا بولغان ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشى بويىچە، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر