فېرناندو (سولدىن 1-كىشى) شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىسپانىيەلىك تىرېنېر فېرناندو سانچىس سىپتىرىيا ۋە ئۇنىڭ تىرېنېر كوللېكىتىپى بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، فېرناندو شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تىرېنېرى بولۇپ، يېڭى مۇسابىقە پەسىلىدە كوماندىنى يېتەكلەيدۇ.
فېرناندو توپچىلىق ھاياتىدا، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ۋاللادولىد كۇلۇبى، رىئال بېتىس كۇلۇبى، لاكورونا كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، ئىلگىرى لاكورونا كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 1999-، 2000-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان ھەمدە كوماندا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتناشقان، كەسپىي ھاياتىدا ئىككى قېتىم ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.
2003-يىلى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، فېرناندو تىرېنېرلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئىلگىرى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2012-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»دە ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەشىق نازارەتچىسى بولغان.
فېرناندو بۇ قېتىم يېڭى تىرېنېرلار كوللېكتىپى بىلەن شىنجاڭ »تەڭرىتاغ يىلپىزى» كۇلۇبىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، بۇ، 2019-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە «تەڭرىتاغ يىلپىزى»نىڭ يېڭىچە قىياپەتتە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېڭى مۇسابىقە پەسىلىگە تەييارلىق قىلىشتىن باشقا، فېرناندونىڭ مول ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش تەجرىبىسى شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كۇلۇبىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر قوشۇن سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە قۇرۇشىغا پايدىلىق.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كۇلۇبى 1-سەپ كوماندىسى ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىك ياشلار كوماندىسى بېيخەيدە قىشلىق مەشىق قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى