باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.01.03 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە ماگنىتوگورسكى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر بىناسىدا يۈز بەرگەن كۆمۈرگازى پارتلاش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھىرىدىكى بىر ئاھالىلەر بىناسىدا كۆمۈرگازى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت يۈز بەرگەنلىكى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى بولغانلىقىنى بىلدىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  ھازىرقى پەيتتە، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ تاسادىپىي ۋەقە چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر