باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جېڭ ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

2019.01.07 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 4-چېسلا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. خەن جېڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى؛ كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىز دۆلەت باغچىسى كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆرۈپ، سىنلىق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 1-سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ بىر قىسىم مەھكىمە، ئىدارە ۋە باشقارما ئىشخانىلىرىغا كىرىپ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى؛ ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئىشلىرى، ئېكولوگىيە جامائەت ئورمىنىنى قوغداشنى باشقۇرۇش، شۇنىڭدەك ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېچىپ پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق سىستېمىسىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەرلەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا، تۈزۈلمە مېخانىزم بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئايرىپ، مەشغۇلات قىلغىلى بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، نوپۇزىنى ئاشۇرۇپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي كۆچەت تىكىپ، ئوت-چۆپ تېرىپ، تەبىئىي ئورماننى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئېكولوگىيە بايلىقىنى بۇزۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر