خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-يانۋار 10 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچى ئاي شارىنىڭ كەينى قىسىمىدا شەرقىي ئۇزۇنلۇق دەرىجىسى 177.6 گىرادۇس، جەنۇبىي كەڭلىك 54 گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان ئايغا قونۇش رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى ھەمدە «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى پارچە يېقىن ئارىلىقتىن سۈرەتكە ئالغان ئاينىڭ كەينى قىسىم تەسۋىرى خەرىتىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئاينىڭ كەينى قىسمىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاينىڭ كەينى قىسمىغا قونۇشى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاينىڭ كەينى قىسمى بىلەن يەر شارىنىڭ خەۋەرلىشىشىنى تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
10دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە بۇيرۇق بېرىپ، «چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئاي شارىدىن 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن باشلاپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئارقىلىق تۆۋەنلىتىپ، 7500 نيۇتون ئۆزگىرىشچان ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە تەجرىبىخانىنىڭ دىۋىگاتىلىنى قوزغىتىپ، تەدرىجىي ھالدا تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ سۈرئىتىنى ئاي شارى 1.7 كىلومېتىر ھەر سىكۇنتلىق نىسپىي سۈرئەتتىن نۆلگە چۈشۈردى. ئالتە كىلومېتىردىن سەككىز كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان جايدا، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تېز سۈرئەتتە ھالىتىنى تەڭشەپ، ئۈزلۈكسىز ئاي شارىغا يېقىنلاشتى؛ ئاي يۈزىگە 100 مېتىر كېلىدىغان جايدىن باشلاپ بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرۇپ، توسالغۇ ۋە يانتۇلۇقنى پەرق ئېتىپ ھەمدە توسالغۇلاردىن ئاپتوماتىك ئۆزىنى دالدىغا ئالدى؛ بىرقەدەر تەكشى بولغان جاي تاللانغاندىن كېيىن، ئاستا سۈرئەتتە تىك تۆۋەنلىدى. تەخمىنەن 690 سىكۇنتتىن كېيىن، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچى ئەسۋاب ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ __ ئايتىكېن ئويمانلىقىدىكى ۋون كارمېن سوقۇلۇش ئازگىلى ئىچىگە مۇستەقىل قوندى. ئايغا قونۇش جەريانىدا، كۆپ قېتىملىق پارچە قونۇش رايونىنىڭ سۈرىتى ئاپپاراتتا تارتىۋېلىندى.
ئايغا قونغاندىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ كونترول قىلىشى ئاستىدا، «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق ئارىدىكى خەۋەرلىشىش زەنجىرسىمان يولى تۇتاشتۇرۇلدى، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچى قۇياش قاناتلىق ۋە مۇقىم يۆنىلىشلىك ئانتېننىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مۇقىم يۆنىلىشلىك ئانتېننىسى يۇقىرى كود سۈرئىتى زەنجىرىنى قۇردى. سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، قونۇش ئەسۋابى C نومۇرلۇق كۆزىتىش ئاپپاراتى ئېرىشكەن دۇنيادىكى تۇنجى پارچە يېقىن ئارىلىقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان ئاينىڭ كەينى قىسمىنىڭ سۈرەت ۋە سىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىلدى، رەسىمدە كۆزىتىش ئەسۋابىنىڭ قونۇش ئەسۋابىدىن پات ئارىدا ئايرىلىپ، ئاينىڭ كەينى تەرىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكى نامايەن قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە:خەلق تورى