باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ كۆرسىتىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىقنىڭ پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك

2019.01.04 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ جۇڭگو تارىخى تەتقىقاتخانىسى 3- يانۋار بېيجىڭدا قۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخ بولسا بىر پارچە ئەينەكتۇر، تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ، ھـازىرقى زاماننى چۈشىنىش لازىم. تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش، تارىخنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدىكى بىر ئېسىل ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان جۇڭگو تارىخىي جۇڭگونىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتىدۇر. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش لازىم، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، تارىخ ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا ئەقىل-پاراسەتلەرنى سۈزۈۋېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ تەتقىقاتى بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇزاقتىن بېرى، پـارتىيەنىڭ رەھـبـەرلىـكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە تالانتلىقلار كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىقتى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن دۆلىتىمىزدىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارىخ پەنلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ كۆرسىتىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخ شۇناسلىقنىڭ پەن سىستېمىسى، ئىلىم سېستىمىسى ۋە سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر