باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

تۆت ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا، چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن 441 كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى

2019.01.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىغا ئائىت چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىشىپ تارقاتقان (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئىدى. مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خادىملارغا بولغان قانۇن ھەيۋىسى ۋە سىياسەتنىڭ تەسىرلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىندا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، «ئۇقتۇرۇش»دا بەلگىلەنگەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، 46 دۆلەت ۋە رايوندىكى مەملىكەت بويىچە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 441 خادىم قايتۇرۇپ كېلىنگەن (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 117سى بار بولۇپ، 165 كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان)، جۈملىدىن «100 كىشىلىك قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»نىڭ ئىچىدىكى جياڭ لېي، ۋاڭ چىڭۋېي قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قاچقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 23 يىل، يېشى ئەڭ چوڭى 79 ياشتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر