باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.01.07 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مېخانىزم، تۈزۈلمىدە جانلىق بولۇش، بازار سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇقراۋى كارخانىلارغا يۆتكەپ، ئايلاندۇرۇپ، بازار رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە مەھسۇلاتلارنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋاڭ جىگاڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىك ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىزچىل مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيەسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت قورالىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ئالدىنقى باسقۇچتا مەبلەغ سېلىپ، كېيىنكى باسقۇچتا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئالدىدىكى تېخنىكا تەتقىقاتىغا يۆلەك بولۇپ، قۇربى يېتىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان رايونلاردىكى ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك. پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېتىلىش باسقۇچىدىكى مەبلەغ بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تەرەققىيات ئىستىقبالى بار كارخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر