باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلدى

توققۇز جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2019.01.07 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئارمىيەنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەزكۇر «بەلگىلىمە»دە، ئارمىيەنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا، قەسەم بېرىشلىرى، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى، كىيىنىشلىرى، قەددى-قامەتلىرى، ئەدەپ-قائىدىلىرى ۋە تاشقى ئالاقىلىرى قاتارلىق توققۇز جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  «بەلگىلىمە»دە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرىي خادىملارنىڭ قەسەم بېرىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەمۇرىي خادىملارنىڭ قەسەم سۆزلىرى، قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش پۇرسىتى ۋە ئالاقىدار تەرتىپلەرگە بولغان تەلەپلەر قېلىپلاشتۇرۇلغان.

  «بەلگىلىمە»دە، مەمۇرىي خادىملار ئارا ۋە مەمۇرىي خادىملار بىلەن ئارمىيەدىكى باشقا خادىملار ئارا سىياسىي جەھەتتە بىردەك باراۋەر مۇناسىۋەتتە بولۇشى، ئۆز ئىچىلىرىدە بولسا، يولداشلارچە مۇناسىۋەتتە بولۇشى، پەقەت تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ۋە مەمۇرىي ۋەزىپە تۈزۈلمىسىگە ئاساسەنلا ئاندىن يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋەتنى ياكى تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتنى ھاسىل قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «بەلگىلىمە»دە، مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئادەتتىكى كىيىملەرنى، مۇراسىم كىيىملىرىنى ۋە مەشىق كىيىملىرىنى كىيىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرى، سورۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەمۇرىي خادىملار سالام بەرگەندە، چوقۇم رەسمىي ھەربىيلەر، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى، تۆمۈر يول ۋە باج ئىدارىلىرى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئارىسىدا قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ھەمدە ھەربىيلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشلىرى كېرەكلىكى، ئۇچىسىدا مەمۇرىي خادىملارنىڭ كىيىمى كىيىكلىك ھالەتتە تۇرغاندا، ئادەتتە قول كۆتۈرۈپ سالام بېرىش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، قورال-جابدۇق ئېلىپ يۈرگەنلىكتىن ياكى كېسەل سەۋەبىدىن قول كۆتۈرۈپ سالام بېرىش ئەپسىز بولغان چاغلاردا، كۆزى ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  «بەلگىلىمە»دە، مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى، ئادەتتە ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا قاتناشمايدىغانلىقى، دەم ئېلىش ۋە تۇغقان يوقلاشتا، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملارغا قاراتقان ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزگەرتىلگەن خادىملارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلارنىڭ ئالاقىدار تەمىناتى بىلەن بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «بەلگىلىمە»دە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كادىرلاردىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي خادىملارنىڭ دەم ئېلىش ۋە تۇغقان يوقلاش ئىشلىرى چوقۇم رەسمىي خىزمەتتىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا، «بەلگىلىمە»دە يەنە ئىستروي ئۇستاپىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى بويىچە، مەمۇرىي خادىملارنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ۋە ھەربىي مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغان چاغدىكى، ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغان چاغدىكى ئىستىروي ھەرىكىتىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

  «بەلگىلىمە»دە، مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئاشكارا پىكىر بايان قىلىشى، چېگرا سىرتىدىكى خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىشى، يەرلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ چەكلىنىدىغان قىلمىشلىرى قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر «بەلگىلىمە»دە يەنە، مەمۇرىي خادىملارنىڭ دەم ئېلىش ۋە تۇغقان يوقلاش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسى، چېگرادىن چىقىش قېتىم سانى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىقلارمۇ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارغا قارىتىلغان ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر