باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارزۇغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، كۈچ ئۇلاپ داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

2019.01.07 11:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2019 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان يېڭى يىللىق مۇقەددىمە، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنى يەنىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان كۈرەش قىلىش مېلودىيەسى بولۇپ، جەزمەن مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

  خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش

  2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى لۇ فۇگۈي مۇنداق دېدى: 2018- يىلى خېپەن كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. 2019 - يىلى، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، داۋاملىق جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، پۈتۈن مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن نىشاننى كۆزلەپ كۈچەپ ئىشلەپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

  بورتالا شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ جىنخۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ساڭباير مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزگە ئوخشاش كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. 2019 - يىلى ئۈمىدكە تولغان بىر يىل، مەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باسقان ھەر بىر قەدىمىمدە ئىز قالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن.

  يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تيەن تيەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ياڭراق بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روھى بىرىنچى سەپتىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، بىز كۈرەش قىلىش روھىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

  تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش

  فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچا باشقارمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋاكالەت رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋاكالەت رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ «تەكشۈرگۈچ»لۈك ۋە «ئالدىنقى قاراۋۇل»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى تېخنىكومىنىڭ 2017- يىللىق داۋالاش B-2سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەينۇرە نۇرمەمەت يان تېلېفوندا رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىدى. زەينۇرە مۇنداق دېدى: مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى «90- يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئورنۇمدا ئۆگەنگەنلىرىمنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى مۇتەللىپ تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىمىز.

  بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىش

  2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچتە، ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى كەنت دەپ ئاتالغان كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئېرلان سابىت رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتىمىز ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى، 2018- يىلى ئائىلىمىز ساياھەتچىلىككە تايىنىپ، 30 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. 2019 - يىلى، خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى ئارقىلىق كىرىمىمنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ رۈنساڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئىلھاملاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئونتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن مېھرىم ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئادىل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن!

  « مۇشۇ ۋاقىتتا، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى ھەمدە مىڭلىغان- مىليونلىغان ئەمگەكچى يەنىلا جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، بىز بۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلار، قوغدىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار». رادىيودىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ بىر جۈملىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بورتالا شەھىرىدىكى تاكسى شوپۇرى خو جەنجياڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزدەك ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. تېخىمۇ گۈزەل ئەتە ئۈچۈن، 2019 - يىلى كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز!

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، جاڭ تىڭ، ۋاڭ لېې، خەن چىنيەن، لى داۋجۇڭ، مېھرىگۈل ناسىر، گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، گېزىتىمىزنىڭ خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، گېزىتىمىزنىڭ بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاڭ لىچاڭ، لىن خۇەن، جاڭ خەييەن، دۇڭ يېبو، جاڭ دۇڭدۇڭ، لى يۈلىڭ خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر