باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى

  كارخانىلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى

2019.01.07 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى مالىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خاۋ فۇچياڭ شىركەتنىڭ بۇ يىللىق تىجارىتىگە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «كارخانىمىز بۇلتۇر بىر يىلدا تىجارەت ھېسابات دەپتىرى ماركا بېجىنى كېمەيتىش- كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، 5 مىليون 630 مىڭ يۈەن چىقىمنى تېجەپ قالدى، بۇ، شىركىتىمىزنىڭ كەسىپلەرنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز يەنە نۇرغۇن ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇق».

  بۇلتۇردىن بۇيان، باج ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ بىر قاتار باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تېزدىن ئەمەلىيلىشىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرى «چوڭ سوۋغات سومكىسى» بارغانسېرى كۆپ كارخانىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويدى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى گاۋ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، رايونلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇملاشتۇرۇشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ».

  ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك «قوشۇش ئەمىلى»نى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باج يۈكى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك «ئېلىش ئەمىلى»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. 2018- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 185 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 5 مىليارد 566 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆسۈمى كىرىمىدىن بەھرىلەندى، 1 مىليون 740 مىڭ پۇقراۋى كارخانا ئۆسۈمسىز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايدىغان بولدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، باج ئورگانلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 15 ئاز سوممىلىق قەرز شىركىتىنىڭ 19 مىليون 211 مىڭ 700 يۈەن ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1 مىليون 620 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ مەبلەغ قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر