باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشكە باشلىدى

2019.01.07 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىردىن باشلاپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى T 3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ خەلقئارا يولغا چىقىش D رايونىدىكى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسىدا، 24 سائەتلىك چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىدىغان پورت ئايروپورتى بولۇپ قالغان.

  چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش سىياسىتى چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر باج قايتۇرىدىغان بەلگىلەنگەن سودا دۇكىنىدىن سېتىۋالغان، ئۆزى بىلەن بىرلىكتە چېگرا سىرتىغا توشۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان باج قايتۇرۇش بۇيۇملىرىغا قارىتا بەلگىلىمە بويىچە باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتى نەق پۇل بىلەن باج قايتۇرۇش ۋە بانكا مېمورىيال باج قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل باج قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قايتۇرۇلىدۇ. قايتۇرۇلغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، باج قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ؛ قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشسا، بانكىدىن پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق باج قايتۇرۇلىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن بۆلەك قورغاس تاشيولى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدىمۇ باج قايتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر