باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن جېڭ بېيجىڭدا 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2019.01.07 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن بىيجىڭدا ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش-بىر قېتىملىق زور دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جايلار، تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تىزىملاشتىكى تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى كونتىرول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەنبە سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتىك قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنى بىر قېتىم يۇقىرى سۈپەتلىك «تەكشۈرۈش»ى كېرەك.

  خەن جېڭ ئالدى بىلەن خەيديەن رايونى جۇڭۋەن خەلقئارا ياتاق بىناسى ئاستىدىكى بومېي تاللا بازىرىغا كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يەككە تىجارەتچىلەرنى نەق مەيداندا تىزىملاش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، نەق مەيداندا تىزىملاش ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا تىزىملاش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپ ۋە ماھارەتلەرنى پىششىق ئىگىلىشى، كىنىشكىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرسىتىشى، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئىشەنچىسى، قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئاندىن كېيىن، خەن جېڭ پۇقراۋى كارخانا بېيجىڭ ئەيچىيى يېڭى تاراتقۇ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تورلاشتۇرماي بىۋاستە دوكلات قىلىش كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا تېگىشلىك كەسپكارلار، تىجارەت كىرىمى قاتارلىق كونكرېت ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇنلارغا قارىتا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى ھەر بىر تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئىچىدىكى ھەر بىر كۆرسەتكۈچ توغرىسىدا سانلىق مەلۇمات توپلىشى كېرەك ھەمدە مۇستەقىل تور سۇپىسى ئارقىلىق ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك، جەدۋەلدىكى تۈرلەرنى كەم قىلىپ قويسا، ئويدۇرۇپ چىقارسا، ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ شەخسىي سىرىنى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى، تەكشۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ماتېرىيالىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىنى قاتتىق بېكىتىش كېرەك، ھەر قانداق ئورۇننى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئاخىرىدا، خەن جېڭ جۇڭگو پۇتيەن ئۇچۇر كەسپىي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە باردى. كۆلەملەشكەن مۇلازىمەت كەسپى كارخانىسى بولغان بۇ شىركەت دۆلەت ئىستاتىستىكا تورلاشقان بىۋاسىتە دوكلات قىلىش سۇپىسىدا تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ دوكلات قىلدى. خەن جېڭ نەق مەيداندا مەشغۇلات تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى ئومۇميۈزۈلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەقىقىي بولۇش-بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى مۇستەقىل تەكشۈرۈش، مۇستەقىل دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئارىلىشىش تۈرلۈك قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. تۇرلاشتۇرماي بىۋاسىتە دوكلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇنلارغا قارىتا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېنىقلىشى ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا بەلگە سېلىشى كېرەك؛ جەدۋەل تولدۇرىدىغان ئورۇنلار ھەر بىر جەدۋەل ھەر بىر كۆرسەتكۈچنى مۇستەقىل تولدۇرۇشى، ھەقىقىي، توغرا، مۇكەممەل، ۋاقتىدا بولغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى يوللىشى، ئىستاتېستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر