باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال پارلامېنىت ئەزاسى كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.01.14 17:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئايال پارلامېنت ئەزاسى تۇلسى گابباراد مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنداق دېدى: مەن 2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم. ئۇ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم، كېلەر ھەپتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن سەۋەبلەر مېنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئامېرىكا خەلقى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، مەن ئاممىنىڭ بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قارالمىسى مېنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى مۇھىم تەشەببۇسلىرىمنىڭ بىرى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر