باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې جۇڭگو-جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2019.01.09 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-يانۋار جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- جىبۇتى مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر مول بولدى. 2017-يىلى، سىز جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلدىڭىز، بىز جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدۇق. بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو- جىبۇتى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاشقا شاھىد بولدۇق. مەن جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇھتەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر