باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ: ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ

2019.01.08 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى جوھان بورتونغا: ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ، دېدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسترائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بورتون ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاۋالقىدەكلا ياردەم بېرىدىغان مەيدانىنى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن مەزگىلدە ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

  گولان ئېگىزلىكى سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايون، ئىسرائىلىيە 1967-يىلى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم يەرنى ئىگىلەپ، كونترول قىلىپ، باشقۇرۇپ، سۇرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. خەلقئارا جەمئىيەت گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر