- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى كاسپىي دېڭىزىدا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى
2019.01.08 08:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، شاۋجياڭ ھۈسەيىن خانزاد 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرى كاسپىي دېڭىزىدا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى. مەشق مەزمۇنى دېڭىز ئۈستىدە ئاختۇرۇش ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.
ئىران بىلەن رۇسىيە 2015- ۋە 2017-يىللىرى كاسىپىي دېڭىزىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانىۋېرىنى ئۆتكۈزدى. خانزاد مۇنداق دېدى: بۇ مانىۋېر ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، ئىران بىلەن كاسپىي دېڭىزى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەمدە كاسپىي دېڭىزى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچەيدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر