باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بولتون ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرتى ئۈستىدە توختالدى

2019.01.08 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولتون 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: بۇ- ئالاھىدە شەرتنى قاندۇرۇش، جۈملىدىن ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى دېدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بولتوننىڭ يۇقارقى سۆزى ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا جەزملەشتۈرۈشى ئىكەن. ترامپنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاشكارا قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، شۇ چاغدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتېسنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلغان.

  بولتون شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولدى. تاراتقۇلار بۇنى چۈشەندۈرۈپ: بولتوننىڭ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەدىكى سەپىرى تىرامپنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى ئارقىلىق بۇ ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر