باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.08 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېنېگال زۇڭتۇڭى سال داككاردىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە دۆلەت كوممىسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

  سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېنېگال خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى زىيارىتىنى ھېلىمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. سېنېگال بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ھاياتى كۈچكە تولغان، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك، بۇنى نەمۇنە دېيىشكە بولىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىستىراتىگىيىلىك نەزەرنى نامايەن قىلدى، ئافرىقىلىق دوستلار كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان، مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مۇناسىۋەت. سېنېگال جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، خەلقئارا سورۇنلاردا جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر