باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى

ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ھېس قىلىپ، چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى

2019.01.08 16:24   مەنبە: خەلق تورى

12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، ئافغانىستان، تايلاند، كۇۋەيت قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەلچىلەر ۋەكىللىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. بازار ئايلىنىپ، مەسچىتلەرگە كىردى، قەدىمىي شەھەردە ساياھەت قىلىپ، دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئەلچىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن نەق مەيداندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەمدە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازاردا، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى مۇتاز زاھرا بولوچ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ: «بۇرۇن شىنجاڭغا بىر قانچە قېتىم كەلگەن، لېكىن ھەر قېتىم ئالدىراش قايتاتتىم»، دېدى. ئۇ، بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ شەھەر مەنزىرىسنى تاماشا قىلىش، بازار ئايلىنىش، نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تېگىش، دوست تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە خەلقنىڭ مېھماندوستلۇقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، دېدى.

  بىر پاكىستانلىق سودىگەرنىڭ چوڭ بازاردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇتاز زاھرا ئۆزىنىڭ كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «سىزنىڭ دوستىڭىز مېنىڭ دوستۇم»، دېدى، شۇنىڭ بىلەن يول باشلىغۇچى ئۇنى بىر زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا باشلاپ باردى.

  يات ئەلدە «يۇرتدىشى»نى كۆرۈپ باشقىچە يېقىنلىق ھېس قىلىشقان مۇتاز پاكىستانلىق سودىگەر ئاسىم بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىدۇ، زىببۇ- زىننەت بۇيۇملىرى سودىسىمۇ ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ، ئاسىم ۋەتىنىدىن كەلگەن دىپلوماتىيە ئەمەلدارىغا: «مەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خوتۇن ئالدىم، بالاممۇ بار بولدى، تۇرمۇشۇم ئىنتايىن بەختلىك!»، دېدى.

  قەشقەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قەشقەرنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى.

  قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى دۇكانلاردا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن ئىمپورت تاۋارلارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلىيا جېنفېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق مەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، قەشقەر ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىشىنىمەنكى، يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن قەشقەر چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار ئىلگىرى دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سىڭىپ كىرىپ ئېغىر كاشىلا قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، تېررورلۇق خەۋپى بىر قەدەر چوڭ ئىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئىدىيەسىنى بۇراش ۋە ماھارەت ئۆگىنىدىغان بىر سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يوقاتتى.

  قەشقەر شەھىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرگەندە، ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا دۆلەت ئورتاق تىلى، مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار، خەتتاتلىق، رەسساملىق، قانۇن بىلىملىرى ۋە ھەرخىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋاتقان ئىدى. ئەلچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، تەنتەربىيە مەيدانىدا تىك-تاك توپ ۋە ۋاسكىتبول ئوينىدى.

  ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوۋ خاۋلى: كەسپىي ماھارەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن ياخشى، ئوقۇغۇچىلار قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدىكەن، دېدى.

  قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئاستاغىنا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ئافغانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى سەيىد ھەبىبۇللامان ھەيران قالغان ھالدا، ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەممىلا يەردە بىكارچىلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئىكەن، بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، دېدى.

  سەيىد ھەبىبۇللامان: «شىنجاڭدا ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئىنتايىن ياخشى بىر تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن بىر قىسىم غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن، مېنىڭچە پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەن، ھەر بىر دۆلەت «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو شىنجاڭ ھازىر قانات يايدۇرۇۋاتقان پايدىلىق سىناق ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…