باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ئامېرىكا بىلەن كۆرۈشۈش ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.08 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ۋەكىلى ئەسلىدە مۇشۇ ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن ئۇچراشماقچى ئىدى، بىراق تالىبان ئەزالىرى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تاراتقۇ مۇخبىرىغا: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ قاتنىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تالىبان كۆرۈشۈش ئورنىنى بۇ تەشكىلات سىياسىي ئىش باشقارما تەسىس قىلغان قاتارغا ئۆزگەرتمەكچى دېدى.

  تالىبان ھازىرغىچە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشنى رەت قىلىپ كەلدى. تالىبان ۋەكىلى ئۆتكەن ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىلى كۆرۈشكە قاتناشقان. كۆرۈشۈشتىن مەقسەت 17 يىلغا سوزۇلغان ئافغانىستان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى كۆرۈشكە قاتناشمىدى.

  تالىباننىڭ يەنە بىر ئالىي ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: تالىبان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھازىرقى باسقۇچتا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىزاھلىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستاندا قېپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز بولساق چەتئەل ئارمىيەلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر