باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھدىنامىسى»تەكلىپ لايىھەسىگە قاتنىشىشنى تەستىقلىدى

2019.01.08 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتى ئۈلۈشكۈن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھدىنامىسى»تەكلىپ لايىھەسىگە قاتنىشىشنى تەستىقلىدى.

  ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتى بولسا ئىران دۆلەتلىك ئالىي كېسىم ئاپپاراتى. ئىران پارلامېنتى بىلەن ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ پىكىرىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، بۇ كومىتېت ئەڭ ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ.

  2018-يىلى 10-ئايدا، خەلقئارا ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل يۇيۇشقا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاتاتى «پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىران پارلامېنتى ئىراننىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھدىنامىسى» گە قاتنىشىش تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئىران ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتېتى شۇ يلى 11-ئايدا ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ لايىھەنى رەت قىلدى. ئارقىدىن ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتى كېسىمگە ئارىلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر