باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شاپىرو: سودا سۈركۈلۈشى ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ھەر ئايدا بىر مىليارد ئامېرىكا دورللىرى زىيانغا ئۇچراتتى

2019.01.08 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا لاسۋىگاس ئىستىمال ئېلېكتىرون كۆرگەزمىسى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلىدۇ، كۆرگەزمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، ئامېرىكا ئىستىمال تېخنىكىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شاپىرو مۇنداق دېدى: ئىمپورت قىلىنىدىغان جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ھەر ئايدا ئامېرىكا پەن-تېخنىكا كەسپىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

  شاپىرو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كارخانىچىلىرى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش- مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا مېخانىزمى دەپ قارىمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شاپىرو ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ مۇقىم سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا سودىغا مەسئۇل مۇئاۋىن لېدىرى چاندىلېر مۇنداق دېدى: ھازىرقى تاموژنا بېجى سەۋىيىسى ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا كەسپىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئالاقىدار پەن - تېخنىكا كەسپى ئامېرىكا ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %10 نى ئىگىلەپ، ئامېرىكىغا 15 مىليون ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر