باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"كۈچ ئۇلاپ قەرز ئېلىش" تا قەرزگە چەك قويۇش سىياسىتىدىن يوچۇق ئىزدەپ پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2019.01.08 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان بەزى تورداشلار «خاڭجۇدىكى بەزى بانكىدا ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى سىياسىتى پەم بىلەن تەڭشىلىپتۇ، بۇنىڭدا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ قەرز قايتۇرۇشقا بولىدىكەن، ھەمدە ئۆي رەنىلىك قەرزىنىڭ قايتۇرۇش ۋاقتى ئۇزارتىلغان بولۇپ، تاكى 80 ياشقىچە قەرز ئېلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلىنىپتۇ.» دەپ گەپ تاراتقان بولۇپ، ئۇ گەپلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇنىڭ بىلەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بۇنداق گەپلەرنىڭ تارىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرگەن.

  خاڭجۇدىكى بىر ئۆي-زېمىن شىركىتىنىڭ سېتىش خادىمى جۇ ئەپەندى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە،ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان پەرزەنتلەر ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان سىياسەت سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بولمىغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ نامى بىلەن ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ، ئاندىن يەنە كۈچ ئۇلاپ قەرز پۇل ئېلىشتەك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ رەنىلىك قەرز پۇل ئېلىشقا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن. ئۇ كىشى يەنە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ سىياسەتنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس، لېكىن، بۇنىڭدىن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ھايانكەشلىك قىلىش ئىستىكى بارلار ئاسانلا پايدىلىنىپ كېتىدۇ، شۇ ئارقىلىق، ئۇ ھايانكەشلەر سېتىۋېلىش ۋە قەرز ئېلىشقا قويۇلغان چەكتىن قاچىدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار ئاساسىي قەرز ئالغۇچى قىلىنىپ، پەرزەنتلەر قەرزنى ئورتاق قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا، سىياسەتتىن يوچۇق ئىزدەپ پايدىلىنىش ھادىسىلىرى ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ.»

  جۇڭيۈەن يەر-زىمىن مۈلۈكچىلىكىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: 2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۆي-زېمىن مۈلۈكچىلىكىدە تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشلەر بولدى، قەرز ئېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىش نەتىجىسىدە، ئۆي بازارلىرىدا كۆپ يۈرۈشلۈك ئۆيلەرگە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى روشەن ھالدا تىزگىنلەندى. لېكىن،"كۈچ ئۇلاپ قەرز ئېلىش"دېيىلىدىغان بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ قەرز ئېلىش سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى يۈرۈش ئۆي تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ياكى داۋاملىق تۈردە قەرز ئېلىشتەك ئارزۇسى يېڭى ئىمكانىيەتكە ئېرىشتى. بۇ ئەمەلىيەتتە قەرز ئېلىشقا چەڭ قويۇشتىكى سىياسەتتىن يۇچۇق ئىزدەپ پايدىلىنىشقىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بانكىلار چوقۇم قەرز ئالغۇچى ۋە قەرزنى ئورتاق قايتۇرغۇچىلارغا قارىتا ئوخشاشلا ئىجازەت تەلىپىنى قويۇشلىرى كېرەك، يەنى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا ئۆي سېتىۋېلىش سالاھىيەتلىرى بولغان بولۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇلار كۈچ ئۇلاپ قەرز ئېلىش مەھسۇلاتىدىن پايدىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن بىر قىسىم ھايانكەشلىك ھەرىكەتلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر