باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاۋ كېجى مۇنداق تەكىتلىدى:

قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار دېگەندەك بىخەتەرلىككە چېتىشلىق بولغان تۈرلۈك بۇيۇملارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك

2019.01.08 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى 7- يانۋار ئېچىلغان يىغىندا، يەنى، قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش ھەققىدە ئېچىلغان مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەت بويىچە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىندا كۆرسىتىپ ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،« تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ھەركىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، زەربەر بېرىش، تۈزەش، ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەممە تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار دېگەندەك بىخەتەرلىككە چېتىشلىق بولغان تۈرلۈك بۇيۇملارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى قەتئىي يوقىتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىش كېرەك.

  جاۋ كېجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قاتتىق زەربە بېرىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا زەربە بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار دېگەندەك بىخەتەرلىككە چېتىشلىق بۇيۇملار ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك جىنايەتلەرگە باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، ئۇلارغا داۋاملىق تۈردە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاش كېرەك. چېگرادىكى ئەتكەسچىلەر ۋە تور بوشلۇقى، ئوبوروت يوللىرى ۋە نۇقتىلىق كانلاردىكى قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار دېگەندەك بىخەتەرلىككە چېتىشلىق بولغان بۇيۇملار مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار مەسىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ يامراپ كىتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر