باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يەتتە يىلدىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار

2019.01.08 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە كۈندىلىك توك تارقىتىش مىقدارى 18 مىليارد 468 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.52ئاشقان، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8تىن يۇقىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئىككى تۈردە يەتتە يىلدىن بۇيانقى يېڭى رىكورت يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار.

  ئىقتىسادىي «ئەھۋال»نى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن ئون يىلدا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن پەلەمپەيسىمان تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. 2008-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.23 ئېشىپ، 2007-يىلدىكىدىن توققۇز پوئنت تۆۋەنلىگەن، شۇنىڭدىن كېيىن 2010-، 2011-يىللىرى توك ئىشلىتىش سۈرئىتىنىڭ ئىشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق سانغا قايتقان بولسىمۇ، ئەمما 2012-يىلدىن باشلاپ يەنە بىر قېتىم بىر خانىلىق سانغا چۈشۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5ئاشقان، 2015-يىلى ھەتتا ئاران %0.5 ئاشقان. يېقىنقى ئىككى يىلدا يەنە بىر قېتىم ئاستا ئۆرلىگەن، 2017-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 6 تىرليون 307مىليارد 700مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6.6 ئاشقان.

  تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2019-يىلى 1- پەسىلدە، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر بولۇشى، يەنە كېلىپ «قىشنىڭ ئىللىق بولۇشى»نىڭ تەسىرىدە، مەملىكەت بويىچە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪5 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىنكەن. 2019-يىلى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى %5-%8كىچە ئېشىشى مۇمكىنكەن، %7 ئېشىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر