باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

26 تۈرلۈك كەسپكە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچەملىرى بېكىتىلدى

2019.01.08 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- يانۋار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بەزى دۆلەتلىك ئۆلچەملەرنى، يەنى، جۇڭگوچە تائام-قورۇمىلارنى ھازىرلاش ئۇستىلىرى، مەركىزىي ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسىنىڭ ئىشلەش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار دېگەندەك كىشىلەر ئىشلەيدىغان 26 تۈرلۈك كەسىپكە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچەملىرىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئۆلچەملەر ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى مۇناسىپ كەسپىي ماھارەت جەھەتتىكى دۆلەتلىك ئۆلچەملەر بىكار قىلىنىدۇ.

  2017- يىلى 9- ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى» ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»نى قېلىپلاشقان ھالدا يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «دۆلەتنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش تېخنىكىسى قائىدىسى ( 2018 - يىللىق نەشرى)»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى، ھەمدە «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»گە چېتىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە دۆلەتلىك ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، جۇڭگوچە تائام-قورۇمىلارنى ھازىرلاش ئۇستىلىرى قاتارلىق كىشىلەر ئىشلەيدىغان 26 كەسىپنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە 26 تۈرلۈك دۆلەتلىك ئۆلچەملەردىن باشقا، يەنە 25 تۈرلۈك ئۆلچەم ئۈچۈنمۇ تۈر تۇرغۇزۇش، ئېچىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەتلىرى ئىشلەندى. بۇنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر