باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.10 16:35   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا، ئامېرىكا تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ تېسلانىڭ شاڭخەيدىكى زاۋۇت قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە چەت ئەل مەبلىغى پاي نىسبىتىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىنكى چەت ئەل سودىگەرلىرى يالغۇز مەبلەغ سالغان تۇنجى تۈر. تېسلا شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا قاتناشقۇچى، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل پەن-تېخنىكا ۋە ئادىمىيەت ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى قاتارلىق قارالمىلاردا ماسك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھازىرمۇ ھەم ئۇزاققىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان قايناق ماكان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى قارشى ئېلىنىدۇ.

  ماسك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇشنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاپ بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. تېسلا شىركىتى تىرىشىپ شاڭخەيدىكى زاۋۇتنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان زاۋۇتلارنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگودىكى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلاتلارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. خې لىفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا