باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2019-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2019.01.14 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 132 كىشى قاتناشتى، 221 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018-يىلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، 2019-يىلىدىكى ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرايلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: مۇھىم سۆزدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئىلغارلىق ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بىر قانچە مىزانلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. مۇھىم سۆز ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەسىلىگە توغرا يۈزلەنگەن، ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان، مۇھىم سۆز چوڭقۇر روشەن سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىيلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بولسا پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر