باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا بېلەت سېتىۋېلىشتىكى مۇنداق ئالتە خىل ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى

2019.01.14 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن يولۇچىلار ھازىر تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق پويىز بېلىتىنى تالىشىپ سېتىۋالماقتا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك بېلەت سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقىنى پىلانلاپ، يولۇچىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالماقتا. شېنجېن شەھىرى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى يېقىندا يۈز بەرگەن دېلو مىسالىنى يەكۈنلەپ، كەڭ يولۇچىلارنى تۆۋەندىكى ئالتە خىل بېلەت سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى:

  بىرىنچى، ساختا تور بېكىتىدە سىزنى «ئېتىبار باھالىق بېلەت» سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئالدامچىلىقى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ساختا بېلەت سېتىۋېلىش تور بېكىتىنى ياساپ چىقىپ، «سېتىلىش باھاسىدا ئېتىبار قىلىمىز» ياكى «100 پىرسەنت بېلەت بار» دەپ جار سېلىپ، بېلەت سېتىۋالغۇچىلار قىزىقىپ شۇ سۇپىغا چىققاندىن كېيىن، يەنە ئۇچۇر تولۇق بولمىدى دېگەن سەۋەب بىلەن بېلەت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىق مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاندىن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

  ئىككىنچى، «سېرىق كالا» ياردىمى ئارقىلىق، باھا قوشۇپ ۋاكالىتەن بېلەت سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «سېرىق كالا» سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئۆزىدە بېلەت بارلىقىنى ئېيتىپ، پەقەت ئەسلىدىكى باھا ئاساسىدا 100 يۈەن ياكى 200 يۈەن قوشسىڭىزلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ «سېرىق كالىلار» ھازىرقى پويىز بېلىتىنىڭ چەك يۈزىدىكى ئۇچۇرلارنى رەسىم ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى بىلەن ئۆزگەرتىپ، «يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىپ»، سىزگە شۇ بېلەتنى ساتىدۇ.

  ئۈچىنچى، «تېز يوللانما خادىمى بېلەتنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىش» ئالدامچىلىقى. بېلەت سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، «تېز يوللانما خادىمىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، ساختىلىق بىلەن بېلەت سېتىۋالغۇچىلارنى مەلۇم جايدا يۈز كۆرۈشۈشكە توغرىلاپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بېلەت سېتىۋالغۇچىلار دوستلىرىنىڭ بانكىنىڭ ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، تېلېفون كەلگەندىن كېيىن ئاندىن پۇل تۆلىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن، «كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى خالىغانچە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتالى» ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغۇچىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، بېلەت سېتىۋالغۇچىلار تېخى دوستلىرى بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارمىغان ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ، پېرېۋوت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

  تۆتىنچى، بانكا كارتىسى مەخپىي نومۇرى ئالدامچىلىقى. «تېلېفونىست» سىياقىغا كىرىۋېلىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بېلەت سېتىۋالغۇچىلار بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ياكى بېلەت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ توردا پۇل تۆلەشكە نىسبەتەن خام بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئالداپ، بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى، شىفىرىنى كىرگۈزۈپ، بۇ ئۇچۇرىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن، بانكا كارتىسى ئىچىدىكى پۇلىنى ئېلىۋالىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئالدامچىلىق مەقسىتىگە يېتىدۇ.

  بەشىنچى، پويىز بېلىتى كاپالەت پۇلى ئالدامچىلىقى. «تېلېفونىست» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئالدى بىلەن بەلگىلىك سوممىدىكى زاكالەت پۇلى ياكى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن بېلەت كېسىشنى باھانە قىلىپ، بېلەت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بېلەت ئېلىشقا ئالدىراۋاتقان پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ، ئۈستلىمە زاكالەت پۇلى ياكى كاپالەت پۇلى ئېلىپ، پۇلىنى ئالدايدۇ.

  ئالتىنچى، پويىز بېلىتى پېرېۋوت ئالدامچىلىقى. «تېلېفونىست» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مۇنتىزىم تور بېكىتى تەمىنلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ بىخەتەرلىك چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى رەت قىلىدۇ ياكى پويىز ئىستانسىسى ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، بېلەت پۇلىنى بىۋاسىتە ئۆزى دېگەن بانكا نومۇرىغا ئۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر