باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2019.01.14 17:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتىن باشلاپ 36 سائەت ئىچىدە ئىراننىڭ سۇرىيەنىڭ دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى قورال-ياراغ ئامبىرىنى بومباردىمان قىلدى.

  نېيتانىياخۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ سۇرىيدىكى كۇچلىرىگە زەربە بېرىش جەھەتتە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تېخىمۇ قەتئىي بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  نېيتانىياخۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي كۈچىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئىران ۋە ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ نىشانلىرىنى نەچچە يۈز قېتىم بومباردىمان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر