باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تۆت جەھەتتىن نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، دېدى

2019.01.14 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 2019-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارى بېسىمى يەنىلا ئېغىر، شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچى 15 مىليون ئادەمدىن ئارتۇق، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىلقى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مەخسۇس ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۆت جەھەتتە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تۆت جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك:

  بىرىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى بولسا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ يولغا قويىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇش سالمىقى ۋە دائىرىسىنى زورايتىپ، خادىملارنى قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا، ئالدىنقى يىللىق ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ %50 ىنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەخسىي ئىلتىماس قىلىش سوممىسىنى 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس سوممىسىنى 2 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىشكە بولىدۇ. ماھىيەتلىك تەدبىر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى كۈچەپ يېنىكلىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئاممىغا گەۋدىلىك، مۇھىم، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە ئوخشاش نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈر ۋە پىلاننى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، «باھار شامىلى» ھەرىكىتى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ھۈنىرى بولسا، ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتدار بولىدۇ. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلىنىشتە لاياقەتلىك بولغان ئىشسىزلارغا كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىپ، كارخانا ئىشچى خىزمەتچىلەر ماھارەت ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى بوشىتىپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ھوقۇق–مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە» ھەرىكەتچانلىقىنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر