باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 80 مىڭ ساقچى كۈچىنى ئىشقا سالدى

2019.01.14 17:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان نامايىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە خەۋپسىزلىك قىسىمدىن 80 مىڭ ئادەمنى ئورۇنلاشتۇردى. ھۆكۈمەتنڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيان، فىرانسىيەنىڭ پارىژ قاتارلىق شەھەرلىردىكى خەلق ھەر شەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆرلىتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. بەزى ئەشەددىي سولچىل، ئەشەددىي ئوڭچى لاگېرلار ۋە زوراۋانلىق شايكىلىرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، نامايىش قالايمىقانچىلىققا ئۆزگىرىپ كېتىپ، دۇكانلار ۋە بانكىلارنى ئۇرۇپ چېقىپ بۇلاش، ئوت قويۇش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپەيدى. پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىچېل زوراۋانلىق ھۇجۇمى خەۋپى كۈچەيمەكتە دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر