باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.01.10 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئېچىپ، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان يەنە بىر تۈركۈم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوملىرىنى تارقىتىش ۋە ئوبدان ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەمدە ئىستېمالنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىش ھەققىنى سۆرەشنى تۈزەپ، ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىل ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، 1-پەسىلدە مۇقىم باشلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يىغىندا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان بىر تۈركۈم يېڭى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  بىرىنچى، كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كۆلىمى كىچىك، پايدىسى ئاز كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆلىمى كىچىك، پايدىسى ئاز كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن، 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولغان قىسمىغا قارىتا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %50 بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ھېسابلىنىپ كېمەيتىلىدۇ، باج سېلىقى %5 ۋە %10كە تۆۋەنلەيدۇ. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى %95تىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى كارخانىنى قاپلايدۇ، بۇلارنىڭ %98ى پۇقراۋى كارخانا.

  ئىككىنچى، ئاساسلىقى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر ۋە باشقا شەخسىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتا، قوشۇلما قىممەت بېجى باج ئېلىش چېكى ئەسلىدىكى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتا بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، ماركا بېجى، شەھەر-بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى قاتارلىق يەرلىك باجلار ۋە مائارىپ قوشۇمچە ھەققى، يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇمچە ھەققىنى %50 دائىرىسىدە كېمەيتىپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، مەبلەغ سېلىنىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، بۇ خىل كارخانىلارغا مەبلەغ سالغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى ۋە پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچى شەخسلەر تېخىمۇ كۆپ باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

  بەشىنچى، كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن پەيدا بولغان يەرلىك مالىيەنىڭ يوچۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى جايلارغا قىلىدىغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى ئاشۇرىدۇ.

  يۇقىرىقى باج كېمەيتىش سىياسىتىنى بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى ۋاقتىنچە ئۈچ يىل بولۇپ، ھەر يىلى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈكىنى تەخمىنەن يەنە 200 مىليارد يۈەن ئازايتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر