باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2019.01.15 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە «ئاي پەرى 4-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋۇ يەنخۇا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئاي پەرى 4-نومۇر»نىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى بەلگە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈشتىكى 4-قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. «ئاي پەرى 5-ناملىق»نىڭ ئاي شارى يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش ۋەزىپىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئەتراپىدا يولغا قويۇلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2020-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يولغا قويۇلىدۇ.

  ۋۇ يەنخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئاي پەرى 4-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ۋەزىپىسى بىر نەچچە جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان: تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىگە سىلىق قوندى ھەمدە كۆزىتىپ تەكشۈردى؛ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدە يەر شارى بىلەن ئارىنى تۇتاشتۇرۇش، كۆزىتىش، كونترول قىلىش، خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى قونۇش ئەسۋابى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىدىكى مىكرو سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەڭ تۆۋەن چاستوتىلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى، توشۇغۇچى راكېتانىڭ كۆپ كۆزنەكلىك، تار كەڭلىكتىكى قويۇپ بېرىش ۋە ئوربىتىغا كىرىش ئېنىقلىق دەرىجىسى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى؛ تۇنجى قېتىم يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ئارىلىقىدىن ھالقىغان لازېرلىق ئارىلىق ئۆلچەش تېخنىكا تەجرىبىسى ئېلىپ باردى؛ تۇنجى قېتىم ئاي يۈزىدە جانلىقلار پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسىنى قانات يايدۇردى؛ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق ھەمكارلاشقان يۈك توشۇش ۋە بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر