باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.01.14 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، مۇھىمى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇشتىن ئىبارەت. 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىگە نەزەر سېلىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى لازىم»لىقىنى تەكىتلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قىلالىشى ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  رەھبىرىي كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ سىياسىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى لازىم. «تۆت ئاڭ»، «ئىككىنى قوغداش» ئابستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېتتۇر، ئېغىزدىلا، قەغەز يۈزىدىلا دەپ قويماي، چوقۇم ھەرىكىتىدە، خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پىرىنسىپى باردۇر، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرار». سىياسىي ئورنىنىڭ يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىگە، توۋلىغان شوئارنىڭ ئۈنلۈك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش ئەمەس، بەلكى كىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي ئىكەنلىكىگە قاراش لازىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوقۇم قەتئىي، شۇ پېتىچە، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كۆپ، شوئار ئۈنلۈك، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈزەپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم.

  رەھبىرىي كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىم. سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەنىڭ ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى. زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر ۋە چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا، رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشى لازىم، بىپەرۋالىق قىلىشقا، مۈجمەل بولۇشقا بولمايدۇ. 2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ساقلانغان 25 مىڭ دېلوغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، 22 مىڭ كىشىگە چارە كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار 25كە يەتتى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىشنى ھەم ھالقىلىق پەيتتە كۆرسىتىش كېرەك، ھەم ئادەتتىكى ھەر بىر ھەرىكەتتىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدىن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپ بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش لازىم. سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىرى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى پاكلاشتۇرۇشى، پارتىيە ئىچىدىكى ئىجابىي، ساغلام بولغان سىياسىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلار ساغلام بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى، پاكىز بولغان يولداشلار مۇناسىۋىتىنى، قائىدىلىك بولغان يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇناسىۋىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېنىق بولمىغان مۇناسىۋەت، ماختاش ۋە خـۇشامەت قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنى قەتئىي توسۇشى لازىم. يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇناسىۋىتىنى ھەرگىزمۇ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋەت قىلىۋالماسلىقى، ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەت ھېسابىغا مەرتلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلىمەسلىكى، باشقۇرۇۋاتقان ئاممىۋى بايلىقلارنى شەخسىي ياكى ئورۇنلارنىڭ «كىشىلىك مۇناسىۋەت» ئورنىتىشىغا، مۇناسىۋەت باغلىشىغا، پايدا ئېلىشىغا ئىشلەتمەسلىكى لازىم. زور ئەخلاقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، شەخسىي ئەخلاقنى چېڭىتىشى لازىم. ھەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، دۇرۇس ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى، ھەم ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭىتىپ، تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ باشقۇرۇشى لازىم. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشنى توغرا يولغا قويۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى، ھەم كەمتەر، كەڭ قورساق بولۇشى، ھەم ياخشىسىنى تاللاپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش رەھبەرلىك سەنئىتى بار بولۇشى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشى لازىم.

  ھەرىكەت بولسا ئاۋازسىز بۇيرۇق، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ تەربىيە بېرىش ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشقا ئۈلگە بولۇپ، توغرا كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسەتكەندىلا، جەزمەن «باشلامچى غاز ئۈنۈمى» شەكىللىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر