خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14- يانۋار خەلق سارىيىدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك ھالدا جۇڭگو ـ فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىشقا ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى.
جۇڭگودا دېھقانلار كالېندارى بويىچە بولىدىغان يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ پەيتتە، شى جىنپىڭ نىنىستوغا ۋە فىنلاندىيە خەلقىگە يېڭى باھارلىق بەخت تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى يىللادىن بۇيانقى ئاساسىي مېلودىيەسى بولسا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھالدىكى يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ۋە فىنلاندىيەنىڭ ئۆزئارا سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ساقلاشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشقۇسى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز جۇڭگو-فىنلاندىيە ئىككى تەرەپ چوقۇم ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك روھىي ھالەتنى ساقلاپ، بىر-بىرىمىزنىڭ تەرەققىيات يوللىرىمىزغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشىپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ھالەتتە يۈرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو يەنە فىنلاندىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە فىنلاندىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئورنىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز چوقۇم "جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى" قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن قولاي شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3-تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردىكى ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، «مۇز ئۈستى يىپەك يولى»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەن بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئىككەيلەن بىرلىكتە كېلىشىپ، «2019- يىللىق جۇڭگو ـ فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى»نى يولغا قويماقچى بولۇشتۇق. دېمەك، بىز ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ قىشلىق تەنھەرىكەت ھەمكارلىقى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ۋە سىجىللىققا ئىگە ھالدا، ھەمدە تەكشى ۋە سىغدۇرۇشچان ھالدا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپشىمالىي قۇتۇپ كېڭىشى رامكىسى ئاستىدا فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ سىجىللىققا ئىگە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى