باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى»نى نېلان قىلدى

مەسىلە پاش قىلغانلارغا 300 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ

2019.01.18 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- يانۋار چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. شەھەرلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، چاۋياڭ ۋە خەيدىيەن رايونىدىكى زەھەر چەكلەش ئىشخانىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايىي قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى»نى چۈشەندۈردى، ھەمدە پايتەختنىڭ زەھەر چەكلەش ۋە زەربە بېرىشتىكى 2018- يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «چارە»دە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئىشىنى قوبۇل قىلىپ بىجىرىشنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىپ يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مۇكاپاتلاشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتىپ، زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىپ يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاشنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىپ يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاشنىڭ شارائىتلىرىنى قېلىپلاشتۇردى. بولۇپمۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش، مال تەكشۈرۈش، پوچتا تەكشۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېز يەتكۈزۈش دېگەندەك ساھەلەردىكى خادىملارنى مەسىلە پاش قىلىدىغان ئامما دائىرىسىگە كىركۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، مۇكاپاتلاش كاپالىتىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنا، تۆمۈر يول ۋە ئايرودروم قاتارلىق ئەزا ئورۇنلارنىڭ زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پايتەختنىڭ زەھەر چەكلەش ۋە زەربە بېرىشتىكى 2018- يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇلۇپمۇ، 2018- يىلى زەھەرگە چېتىشلىق جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان گۇمانلىق كىشى 1246غا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان؛ قولغا چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك زەھەرلەر 71.71 كىلوگرامغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.2 ئاشقان، پۈتۈن شەھەر بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان زەھەر جىنايەتچىلىرى 1118گە يەتكەن، بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى ئىشلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلانىڭ سانى 229 نەپەرگە يەتكەن، ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ نىسبىتى %20.5كە يەتكەن بولۇپ، پايتەختنىڭ زەھەر چەكلەشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر